2015-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7-كۈنى
UyghurDev.net lab ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجىربىخانىسى

Uyghur Software Developer Network Laboratory
 
چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ
Chaghatai Keyboard Layout

    چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى يەنە «تۈركىي تىل»، «چاغاتاي تۈركچىسى»، «تۈركچە»،«قەشقەر تۈركچىسى»، «چاغاتاي تىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

    چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يېزىق «چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى- خاقانىيە يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلىگەندە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنىپ شەكىللەنگەن.

    چاغاتاي تىلى دەۋرىمىزگە ئەڭ يېقىن بىر تارىخى تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تىل- يېزىقتا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىنتايىن كۆپ. قەدىمىي ئەسەرلەرنى قايتا نەشىر قىلىش، تىل تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە چاغاتايچىنى رەقەملىك ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. تىلشۇناسلار، چاغاتاي تىلى ھەۋەسكارلىرى، نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ چاغاتايچىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىر چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ ياساپ تورغا چىقىرىپ قويدۇم. ئىشلەتكۈچىلەرگە ئازراق ياردىمى بولسا مەن بۇنىڭدىن بەك مىننەتدار.

    بۇ كىرگۈزگۈچنى ياساشتا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىدىكى ۋاھىت ئابلېز مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىدىكى چاغاتايچە ھەرپلەرنىڭ كودى ۋە كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئاساس قىلىندى.




مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار Github ئادرىسى
Research on Unicode and Keyboard Layout for Chaghatai Digitalized Processing System
چاغاتاي تىلى ئېلىپبەسى
Unicode جەدىۋىلىدىكى ئەرەبچە رايۇن
بىلوگدىكى ئادرىسى

Fork me on GitHub
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجرىبىخانىسى
Uyghur Software Developer Network Laboratory
Web site:www.UyghurDev.net    Email: UyghurDev@Gmail.com