2015-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7-كۈنى
UyghurDev.net lab ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجىربىخانىسى

Uyghur Software Developer Network Laboratory
 
ئورخۇنچە كىرگۈزگۈچ
Old Turkic(Orkhun)Script Keyboard Layout

    ئورخۇن يېزىقى يەنە كۆكتۈرك يېزىقى، قەدىمىي تۈرك يېزىقى ياكى ئورخون يىنسەي يېزىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 8-10 ئەسىرلەر ئارىسىدا كۆكتۈرك ۋە باشقا تۈرك خانلىقىلىرى دەۋرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى خاتىرلەشكە ئىشلىتىلگەن يېزىقنى كۆرسىتىدۇ.

     19- ئەسىردە مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدىن 8- ئەسىرگە تەۋە بىر تۈركۈم مەڭگۈ تاشلار بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاشلاردىكى يېزىقلار ئورخون يېزىقى دەپ ئاتالغان. كىينچە ئورخۇن يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار 9- ئەسىرگە تەۋە ئۇيغۇر خانلىقى(يېنسەي ۋادىسى)، 10- ئەسىرگە تەۋە تالاس ۋادىلىرىدىن ۋە رايۇنىمىزدىكى تۇرپان، مىرەن خارابىلىقلىرىدىنمۇ تېپىلغان. دەسلەپكى دەۋىرلەردە غەرپلىك ئالىملار بۇ يېزىقنى قەدىمىي گىرمان رۇنىك يېزىقىغا ئوخشىتىپ رۇنىكچە ياكى تۈرك رۇنىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىغان.

    ئورخۇن يېزىقى ئوڭدىن سولغا يۈنۈلۈشتە يېزىلىدىغان بولۇپ، ھەرپلەر يەككە ھالەتتە ئۇلانماي يېزىلىدۇ. ئەمما ئوخشىمىغان يازما يادىكارلىقلاردا بىر ھەرپنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرى ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئورخۇن يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئىنىق سانىنى ئېلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ، گەرچە ئورخۇن يېزىقىدىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى ئىنىق بولسىمۇ ھەرپلەرنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ئورخون يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا قەدىمي ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى خاتىرلىگەن ۋاقىتتا ئەسلى يادىكارلىقتىكى بىلەن ئوخشىمىسىمۇ شۇ ھەرپنىڭ باشقا شەكىللىرىنى ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

    ئورخۇنچە ھەرپلەر خەلقئارا unicode جەدىۋىلىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئورخۇنچە يېزىقلارنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشقا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنداقلا Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشلاپ كۆرۈنمە يۈز خەت نۇسخىسى Segoe UI غىمۇ ئورخۇنچە ھەرپلەر قېتىۋىتىلگەن بولۇپ، Windows  مۇھىتىدا ئورخۇنچە ئۈچۈن ئايرىم خەت نۇسخىسى قاچىلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

    تىلشۇناسلار، ئورخۇن تىل- يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆز تەتقىقاتىدا، ئەسەرلىرىدە ئورخۇنچە كىرگۈزۈشىگە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ئورخۇنچە ھەرپلەرنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىيدىلىكى ۋە unicode ئۆلچىمىگە ئاساسەن بىر كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىرىپ قويدۇم. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈپ پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار github ئادرىسى
Unicode تىكى ئورخۇنچە رايۇن
بىلوگ ئادرىسى

Fork me on GitHub
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجرىبىخانىسى
Uyghur Software Developer Network Laboratory
Web site:www.UyghurDev.net    Email: UyghurDev@Gmail.com