ئەزان ۋە تەكبىر ئارىلىقىدا تۆۋەندىكى ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىشى لازىم:
«جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلالغا ئەمىر قىلىپ، سەن ئەزان ئېيتقاندا ئەزاننى ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ئېيت،
تەكبىر ئېيتقاندا تەكبىرنى ئۇلاپ- ئۇلاپ ئېيت. سەن ئېيتقان ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا تاماق
يىگۈچى كىشىنىڭ تاماقنى يەپ بولغۇدەك ۋاقتى ئۆتسۇن.»